top of page
Search

«تارىم تورى» - مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر كۆۋرۈكتۇر



ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «زامانغا ماسلاشمىغان، قالاق بىر مەدەنىيەت» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر سەرخىللىرى «ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان»، «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەندەك ناملار بىلەن جازالانماقتا. پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ھايات-ماماتلىق بىر ئېغىر كىرىزىسكە دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ۋە كىچىكىدىن چەتئەللەردە چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى بىلىشى ۋە تىل-يېزىقىنى قوللىنىشى جىددىي زۆرۈر بولماقتا.


مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. 2019-يىلى ماي ئېيىدا قۇرۇلغان «تارىم تورى» دەل مۇشۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ مەھسۇلىدۇر.


«تارىم تورى» نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى» دا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ ۋە ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى تۆت چوڭ بوغالتىرلىق ئورگىنىنىڭ بىرى بولغان KPMG شىركىتىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان زۇلپىقار ئابلىكىم قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ بىرلىككە كېلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر تور بېكەتتۇر.


ئىگىلىنىشىچە، مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ ۋە زۇلپىقار ئابلىكىم ئىككىيلەن 2018-يىلنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرى ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرى ئاساسىدا ئىشلىنىدىغان پروگراممىلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باشقىلارغا تونۇتۇشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بۇ ھەقتە توختىماستىن ئىزدىنىش نەتىجىسىدە 2019-يىلى مايدا «تارىم تورى» ۋە «تارىم پاراڭلىرى» نى قۇرۇپ چىققان.


«تارىم تورى» دا ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئوخشاش پىكىردىكىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ بىر كوللېكتىپ بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى تونۇپ يېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.


مەزكۇر تور بېكەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ «تارىم تورى» نىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى يېتەكلىگۈچى كۈچ بولالايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.


«تارىم تورى» نىڭ يەنە بىر ئالاھىدە پروگراممىسى بولغان «تارىم پاراڭلىرى» ناملىق رادىيو پروگراممىسىدا مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان، ئوقۇشتا ۋە كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلۇش ئارقىلىق باشقىلارغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئاساسىي نىشان قىلىنغان ئىكەن.


«تارىم پاراڭلىرى» نىڭ رىياسەتچىسى زۇلپىقار ئابلىكىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر رادىيو پروگراممىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پروگرامما ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى تونۇشى ئۈچۈن بىر كۆۋرۈك بولالايدىكەن.


«تارىم پاراڭلىرى» ئېنگىلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رادىيو پروگراممىسى بولۇپ، بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا «نېمە ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلەتمەيدۇ» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ زىيارەت داۋامىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، پروگرامما ئېنگىلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلسا، چەتئەللىكلەرنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغىلى بولىدىكەن.


13 views0 comments
bottom of page