top of page
Search

Uyghur Language Teachers

سىز ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلەمسىز؟ تارىم تورىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلى تور دەرسلىرىگە دەرس ئۆتىدىغانغا ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىدىغانغا ئۇيغۇر تىلىنى راۋان بىلىدىغان پىدائىيلار كېرەك ! مۇھاجىرەتتىكى ياشلار ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگۈسى بارلار ئۈچۈن ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى تور دەرسلىرى 8 - ئاينىڭ باشلىرى باشلىنىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 3 ئاي داۋاملىشىدىغان دەرسلىرىمىز ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە بىر سائەت ۋاقتىنى ئېنىق ئاجرىتالايدىغان ئىشەنچىلىك پىدائىيلار لازىم. تىلىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتە بولسىمۇ كۆكلەپ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئۆگىتىشنى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەملىشىشىنى خالىسىڭىز، تارىم تورى ئىنستاگرام ئاكونىت باش بېتىدىكى گۇگۇل جەدۋىلى بىلەن تىزىملىتىڭ ياكى ھەرقانداق سوئالىڭىز بولسا language@thetarimnetwork.com غا ئېلخەت يېزىڭ! ئۇيغۇرچە ئاۋازلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى!

5 views0 comments

Commentaires


bottom of page