top of page
Search

ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قىتئەلەرئارا تور كونسېرتى زور ئالقىشىغا ئېرىشتى


2017-يىلىدىن تارتىپ ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى كۆپ ۋاقتىنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «تارىم تورى» سەھىپىسىنىڭ تېخنىكىلىق ياردىمى بىلەن ئاۋستراليەدىكى شۆھرەت تۇرسۇن، گوللاندىيەدىكى «مەشرەپ ئانسامبىلىسى» ۋە ئەنگلىيەدىكى «يىپەك يولى ئانسامبىلى» قاتارلىقلار تور ئارقىلىق قىتئەلەرئارا كونسېرت ئۆتكۈزدى.


25-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇقەددەس مىجىت خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان «ۋەتەننى سېغىنىش: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇقامى» ناملىق كونسېرت مۇنداق باشلانغان: «قەدىرلىك قېرىنداشلار، ھەممىڭلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ بۈگۈن ھاياجان ئىچىدە قىتئەلەرئارا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىمىزنى سېغىنىش ئىچىدىكى يۈرىكىڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. تور ئارقىلىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن مۇشۇ مىنۇتلاردا بىز ھاياجان بىلەن سىلەرگە ئوتتەك سالامىمىزنى يوللايمىز. بۇ بىر نەچچە يىل، بىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن خەلقىمىز ئۈچۈن ئېغىر كۈنلەر بولدى. نۇرغۇنلىرىمىز ۋەتەننى سېغىنىش، ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ ئۈزۈلۈشى، ۋەتەنگە قايتالايمىزمۇ ياكى قايتالمايمىزمۇ، دېگەن ئەنسىرەشلەر ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2020-يىلى كىرگەندىن بۇيان ھەممىمىزنىڭ قەلبى ئېغىر داۋالغۇشلارغا دۇچ كەلدى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە تارقالغان بۇ ۋىرۇس دەردىدىن بىز تېخىمۇ ۋەتەندىن يىراقلاپ كەتكەندەك، قېرىنداشلىرىمىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغاندەك ھېسسياتلارغا كەلدۇق. مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە دۇنيانىڭ بىر قانچە جايلىرىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرنىڭ مۇزىكىسىنى جاراڭلىتىپ، ئۇيغۇرنىڭ مەدەىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنىمۇ ئاڭلىتىۋاتقان سەنئەتچىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مۇقاملاردىن، خەلق ناخشىلىرىدىن ئارىيەلەر سۇندۇق. سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ كونسېرتنى ئويۇشتۇردۇق.»


كونسېرتتا ئالدى بىلەن ئاۋستراليەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ناخشىلىرىدىن ئارىيەلەر سۇندى.


ئارقىدىن چەت ئەلدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان گوللاندىيەدىكى «مەشرەپ ئانسامبىلى» ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىن ئارىيەلەر سۇندى.


كونسېرت ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 20 يىل بولغان راچېل ھاررىس خانىم ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئارىيەلەر سۇندى.


ئىككى سائەت داۋاملاشقان تور ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان بۇ كونسېرت جەريانىدا رىياسەتچى مۇقەددەس مىجىت خانىمنىڭ بەزىدە ھاياجانلىنىپ، كۆز يېشىنى تۇتالمىغانلىقى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ كونسېرتنى ئىنتايىن قىزىقىش بىلەن كۆردى.


بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى د ئۇ ق نىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم ۋە دوكتور مۇقەددەس مىجىت خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.


رەھىمە مەخمۇت خانىم كونسېرتنى ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سەنئەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئورۇندىشىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ قېتىمقى كونسېرتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتنىڭ باي ۋە قەدىمىي تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر سەنئەتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.


دوكتور مۇقەددەس مىجىت خانىم گەرچە بۇ توردا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولسىمۇ، لېكىن كۆرگۈچىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كونسېرت جەريانىدا ۋە كونسېرتتىن كېيىن ئىنكاس يېزىپ، تەبرىكلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.


بۇ تۇنجى قېتىم تور ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلغان كونسېرت بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا ئىئانە يىغىشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىكەن. بۇ خىل كونسېرتلار بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن.


12 views0 comments
bottom of page