Mahire Ilyas: Research in Gynecology & Obstetrics


Mahire Ilyas is a brilliant research scientist based in Japan. Prior to her arrival in Japan, Dr. Mahire Ilyas completed her bachelor's degree in medicine from Xinjiang Medical University. By 2015, she was admitted to the Gynecology and Obstetrics Department at Tokushima University in Japan with a full scholarship, and earned her doctorate in 2019 with honors. After graduating from her doctorate, she has been working as a professor’s assistant and doctoral research supervisor in the gynecology department at the same university.


Mahira has published a range of scholarly articles in international journals, including two as first author and 27 as a co-author. Her third first-author paper will be published soon. Congrats! You can read her papers here: https://www.semanticscholar.org/aut…/Yiliyasi-Mayila/8802151 https://www.semanticscholar.org/aut…/Mayila-Yiliyasi/4139873


Dr. Mahire has presented her research in a range of scientific conferences, including the Endocrine Society (ENDO), the World Congress of Reproductive Biology (WCRB), the Japan Society of Obstetrics and Gynecology (JSOG), and the Japan Society for Reproductive Medicine (JSRM).


In addition, Mahira is a visiting lecturer at the International Society for Cultural Exchange, and attends various primary and secondary schools in Japan to convey basic medical knowledge while also introducing Uyghurs and Uyghur culture to Japanese students. She has received many letters of thanks from school principals and students for her work!


Mahire actively participates in community gatherings in her hometown and continues to promote Uyghur culture along with her family, and has been featured in her local newspapers, magazines and TV. In the next few years, she plans to continue pursuing her research, and to develop a health program on Uyghur women's health on YouTube.


Wishing you all the best in your career and projects!


دوكتۇر ماھىرە ئىلياس ياپۇنىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان بولۇپ، 2015-يىلى ياپۇنىيەگە كەلگەندىن كىيىن، ئاياللار كىسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان، ئۇدا تۆت يىل ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇپ، 2019-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۆزى ئوقۇغان ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە پىرافېسسور ياردەمچىسى ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلار تەتقىقات يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.


ماھىرەنىڭ خەلقئارالىق ژورناللاردا باش ئاپتۇر بولۇپ ئىككى پارچە، قوشۇمچە ئاپتۇر بولۇپ27 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ باش ئاپتۇر بولغان ئۈچىنچى ماقالىسى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.


ماھىرە ئامېرىكا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى، دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى قۇرۇلتىيى، ياپۇنىيە ئاياللار كىسەللىكلىرى ۋە تۇغۇت جەمئىيىتى، ياپۇنىيە كۆپىيىش مېدىتسىنا جەمئىيىتى قاتارلىق ھەرخىل پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، تەتقىقاتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى مۇتەخەسس-پروفېسسورلارنىڭ ياخشى باھالىرىغا ئېرىشكەن.


بۇلاردىن سىرت، ماھىرە يەنە خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ياپونىيەدىكى بىكىتىلگەن ھەرقايسى باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ ئاساسىي مېدىتسىنا بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ ياپۇن ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىغان تەشەككۈر خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ يىغىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئ‍ائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، ئىش-ئىزلىرى شەھەرلىك گىزىت، ژورنال ۋە تېلۋىزورلاردا تونۇشتۇرۇلغان.


ماھىرە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئۆز كەسپىي تەتقىقاتىدا تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىپ، مول تەتقىقاتلارنى روياپقا چىقىرىش ۋە يۇتۇپ قانىلىدا ئۇيغۇر خانىم قىزلار سالامەتلىكى ھەققىدە ساغلاملىق پىروگراممىسى ئىشلەشنى پىلانلىماقتا.


ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئاكادىمىك ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مول-ھوسۇللۇق؛ ئائىلىىسنىڭ تېخىمۇ بەختىيارلىققا تولىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

The Tarim Network is a registered charity based in London, United Kingdom.

We are a family of passionate individuals creating a platform to unite, inspire and advance the Uyghur youth community around the world. 

 

Our mission is to create a global Uyghur youth community that inspires and cultivates excellence while providing cultural and social enrichment for its members. 

UK Registered Charity number 1184295

Email: info@thetarimnetwork.com

Instagram: @TheTarimNetwork

Facebook: The Tarim Network

LinkedIn: The Tarim Network

YouTube: The Tarim Network

  • YouTube
  • Grey Instagram Icon
  • Grey Facebook Icon
  • Grey LinkedIn Icon