Denara Amat: Ethical Fashion Entrepreneur


Denara is the founder of SEDA COLLECTIVE, an ethical fashion company.


Although initially studying Linguistics at The University of Melbourne with the intention of becoming a translator, Denara found that the courses didn’t resonate with her and decided to take some time off. During her gap year in 2017, a solo trip to South America (Colombia and Ecuador) for over seven months sparked the founding of SEDA Collective. SEDA works directly with Indigenous Colombian artisans, aiming to take their collaborations worldwide.


As founder of a young organisation, Denara’s roles include everything from designing collections, completing administrative work, managing social media, being a photographer, collaborating directly with artisans for each design, and packaging orders.


In September 2020, SEDA had their largest collaboration with the Australian designer, Lisa Gorman, for her fashion brand Gorman. This collaboration was able to expand SEDA’s team of artisans to over 30 Indigenous communities. Although it was a year full of worldly crises and strict lockdowns, the collaboration went on as scheduled, and was a source of income for over 30 families during the pandemic. The labour of love by the artisans is now available in over 50 Gorman stores in Australia and New Zealand.


Denara’s journey to founding SEDA was to just giving it a go, instead of constantly thinking about the “what ifs” of starting a business. She was also working around two other jobs while she worked on SEDA on the side. For the youth looking to start a business like Denara, she advises to "feed the vision not the fear". Whenever she doubts herself, she thinks about where she would be and what she would be doing if she was still in East Turkestan, and that we are all lucky to be in these amazing countries full of opportunities, so give everything a go.


Apart from SEDA, one of her biggest accomplishments was surviving her migration process to Australia at the age of 12. She feels that she has come out of the experience stronger and uses her family’s struggles to help inspire others.


Her main goal is to share more of her stories to inspire young migrants in finding their strength and power, and showing them that they do not have to be a victim of their past. She also hopes to help migrants who are holding back from chasing their dreams due to their English. Along with this, she is planning to use her personal and business platform to bring more awareness to East Turkestan through wearable art and textiles.


Support Denara and Indigenous artisans by purchasing ethically made products from SEDA.


Keep up the amazing work, Denara!


دىنارە مودا شىركىتى SEDA كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى.


دىنارە دەسلەپتە تەرجىمان بولۇش ئارزۇسى بىلەن مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان. ئەمما ئۇ تىلشۇناسلىق دەرسلىرىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىر مەزگىل دەرستىن توختاشنى قارار قىلغان. دىنارەنىڭ 2017-يىلدىكى بوش مەزگىلىدىن پايدىىلىنىپ جەنۇبىي ئامېرىكىدا، يەنى كولۇمبىيە ۋە ئېكۋادوردا قىلغان يەتتە ئايلىق يالغۇزكىشىلىك ساياھىتى ئۇنىڭ 2018-يىلى SEDA كوللېكتىپىنى قۇرۇش ئىستىكىنى قوزغىغان. SEDA كوللېكتىپى يەرلىك كولۇمبىيە قول ھۈنەرۋەنلىرى بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىدۇ ۋە بۇ خىل ھەمكارلىقنى دۇنيا مىقياسىدا تونۇتىشنى مەقسەت قىلغان. دىنارە بۇنداق ياش بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن روللارنى ئۆززىممىسىگە ئالغان، بۇلار توپلام لايىھىلەش، مەمۇرىي خىزمەتلەرنى تاماملاش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، فوتوگرافلىق، ھەر بىر لايىھە ئۈچۈن قول ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىش ۋە زاكازلارنى ئوراپ قاچىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


2020-يىلى 9-ئايدا، SEDA ئاۋىستىرالىيەلىك لايىھەلىگۈچى لىزا گورمان بىلەن ئۇنىڭ مودا ماركىسىGORMAN ئ‍ۈستىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلىقىنى ئورناتتى. بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق SEDA قول ھۈنەرۋەنلەر قوشۇنىنى 30 دىن ئارتۇق يەرلىك جەمئىيەتكە كېڭەيتەلىدى. گەرچە 2020-يىلى دۇنيا خاراكتىرلىق كرىزىس ۋە ئۆيدە تاقىلىپ قېلىش بىلەن تولغان بىر يىل بولسىمۇ، SEDA بىلەن GORMAN نىڭ ھەمكارلىقى پىلان بويىچە داۋاملىشىپ، يۇقۇم جەريانىدا 30 نەچچە ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسىنى بولۇپ قالدى. قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مۇھەببەت ئەمگىكى بولغان مەھسۇلاتلارھازىر ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى 50 دىن ئارتۇق GORMAN دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ.


دىنارە SEDA نى قۇرۇش سەپىرى ئىگىلىك تىكلىگەندە «قانداق بولار؟» دەپ ئويلاشنىڭ ئورنىغا قول سېلىپ تەۋەككۈل قىلىش بولغان. ئۇ SEDA توغرىسىدا ئىزدىنۋاتقاندا يەنە باشقا ئىككى ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدى. دىنارە ئۆزىگە ئوخشاش ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياشلارغا «قورقۇنچنى ئەمەس نىشاننى كۈچەيتىش» نى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىدىن گۇمانلانغان چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئەگەردە يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان بولسا قەيەرلەردە نېمە ئىشلارنى قىلغان بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ پۇرسەتكە تولغان قالتىس دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن تەلەيلىك ئىكەنلىكى، شۇڭا ھەممە ئىشنى سىناپ بېقىش كېرەكلىكىنى ئويلايدۇ.


دىنارە ئۈچۈن SEDA دىن باشقا ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى بولسا ئۇنىڭ 12 ياش ۋاقتىدا ئاۋىستىرالىيەگە كۆچۈش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئۇ چاغدىكى توسالغۇلۇق تەجرىبىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىققانلىقى. ئۇ داۋاملىق ئائىلىسىنىڭ كۈرەش ھېكايىلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئىلھام بېرىدۇ.


دىنارەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆزىنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ سۆزلەش ئارقىلىق ياش كۆچمەنلەرنى ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە قۇۋۋىتىنى تېپىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ قۇربانى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش. ئۇ يەنە ئىنگلىزتىلى سەۋەبىدىن ئارزۇسىنى قوغلىشىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقان كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ۋە سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، سەنئەت ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ تونۇتۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.


‏@ Seda.collective دىن ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق دىنارە ۋە يەرلىك قول ھۈنەرۋەنلەرنى قوللاڭ.


قالتىس خىزمەتلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، دىنارە!

The Tarim Network is a registered charity based in London, United Kingdom.

We are a family of passionate individuals creating a platform to unite, inspire and advance the Uyghur youth community around the world. 

 

Our mission is to create a global Uyghur youth community that inspires and cultivates excellence while providing cultural and social enrichment for its members. 

UK Registered Charity number 1184295

Contact Form

Email: info@thetarimnetwork.com

Instagram: @TheTarimNetwork

Facebook: The Tarim Network

LinkedIn: The Tarim Network

YouTube: The Tarim Network

  • YouTube
  • Grey Instagram Icon
  • Grey Facebook Icon
  • Grey LinkedIn Icon