Abdulrahim Turkistani: Engineer & Artist



Abdulrahim Turkistani was born in Saudi and grew up in the UK. After getting a Bachelors in Computer Systems and Engineering and a Masters in Communications Systems and Signal Processing at the University of Birmingham and Bristol, he began working as a Petroleum Engineer for an international oil company. His experience with this company has enabled him to travel the world, meet his wife, and even travel to Antarctica.


He was sponsored by his company to go to Antarctica as part of its effort to find a solution to climate change. Firstly they were to understand the importance of Antarctica for the livelihood of our planet, and secondly he was to participate in the unique Leadership-On-The-Edge programme.


After spending two weeks traveling Antarctica with a team, he was struck by the natural beauty and also saddened by the effect humanity has had on the environment. “Only when you witness this surreal landscape with your own eyes, and when you hear from sustainability experts who joined us on the expedition about the fragility of this eco system do you understand the importance of protecting this place, starting by changing the way you live and then helping other to change too.” He adds, “It is also important mention that our religion has taught us to live a balanced life and to economize and not to waste. If we followed these teachings, we will be able to help solve many of the issue of Global warming.”


Abdulrahim is also an artist. He loves creating abstract art and has used atlas fabric as inspiration for a project. He held an exhibition in Amsterdam, where he sold some pieces to an art collector and is hoping to have permanent displays in the future. He hopes that he can help to preserve Uyghur culture through his art.


His advice to Uyghur youth is to integrate and become an outstanding citizen wherever you find yourself. “Never forget your heritage, and always try to be an Ambassador for our people. We can preserve our heritage from anywhere in this world, as we are living in a global village. With social media and the internet, the world has become more reachable and we can make a difference.” He encourages youth to focus on getting a good education and excelling in your community and work. “We are all citizens of the world. We are not just Uyghurs, but we are also members of this planet and we have the right of freedom and expression. And we have many opportunities in life for us to thrive and prosper.


Check out Abdulrahim’s artwork at www.abdulrahimturkistani.com



ئابدۇلرەھىم تۈركىستانى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ۋە ئەنگىلىيەدە چوڭ بولغان. ئۇ بېرمىنھام ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كومپىيۇتېر سىستېمىسى ۋە ئېنژىنىرلىق كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە برىستول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقە سىستېمىسى ۋە سىگنال بىر تەرەپ قىلىش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ خەلقئارالىق بىر نېفىت شىركىتىدە نېفىت ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ بۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا دۇنيانى ساياھەت قىلىشقا، ئايالى بىلەن تونۇشۇشقا، ھەتتا ئانتاركتىكىغا بېرىش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولغان.


ئۇنىڭ ئانتاركتىكىغا بولغان تەتقىقات سەپىرىنى شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى كېلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئىدى.ئۇلار ئاۋال ئانتاركتىكىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ قىتئەنىڭ يەر شارىغا ۋە ئىنسانلارغا قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشىنىش ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئابدۇلرەھىم شىركەت ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان تەربىيىلەش پروگراممىسغا قاتناشماقچى بولغان.


ئابدۇلرەھىم ئىككى ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ سەبداشلىرى بىلەن ئانتاركتىكىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئۇ جاينىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە مەستانە بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىتقا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن قايغۇرغان. «سىز بۇ ھەقىقىي مەنزىرىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن ۋاقتىڭىزدىلا، ھەم مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدىلا، ئاندىن بۇ يەرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىسىز-دە، ئۆزىڭىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىڭىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئۆزگىرىشىگە ياردەم قىلىشىڭىز مۇمكىن». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دىنىمىزنىڭ بىزگە تەڭپۇڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئىسراپ قىلماسلىقنى ئۆگەتكەنلىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بىز بۇ تەلىماتلارغا ئەمەل قىلساق، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرەلەيتۇق».


ئابدۇلرەھىم ھەم بىر سەنئەتكار. ئۇ ئابستراكت سەنئەت ئىجاد قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئەتلىسىنىڭ نۇسخىلىرىدىن ئىلھام ئالىدۇ. ئۇ ئامىستېردامدا بىر كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەن. ئۇ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى سەنئەتخۇمار كىشىلەرگە ساتقان ۋە كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۆرگەزمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ياردەم قىلالىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.


ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بەرگەن نەسىھىتى، سىز قەيەردە بولماڭ، شۇ يەرگە يەرلىشىڭ ۋە شۇ يەرنىڭ مۇنەۋۋەر پۇقراسىغا ئايلىنىڭ. «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مىراسلارنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ. ھەمىشە خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ياخشى بىر ئەلچى بولۇشقا تېرىشىڭ. بىز دۇنياۋىلاشقان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، مىراسلىرىمىزنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايلىرىدا تۇرساقمۇ يەنىلا ساقلاپ قالالايمىز. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىنتېرنېت بولغاچقا ئىشلار تېخىمۇ قۇلايلاشتى. بىزنىڭ بۇ قۇلايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.» ئۇ ياشلارنى يۇقىرى ئۆرلەپ ياخشى ئوقۇشقا ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا مۇنەۋۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. «ھەممىمىز بىر دۇنيانىڭ پۇقراسى. بىز ئۇيغۇر بولۇشتىن سىرت، يەنە بۇ پىلانېتنىڭ ئەزالىرى. بىزنىڭمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىمىز بار. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى گۈللەندۈرۈشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلىرىمىز بار.


ئابدۇلرەھىمنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى www.abdulrahimturkistani.com دىن كۆرۈڭ.

8 views0 comments

The Tarim Network is a registered charity based in London, United Kingdom.

We are a family of passionate individuals creating a platform to unite, inspire and advance the Uyghur youth community around the world. 

 

Our mission is to create a global Uyghur youth community that inspires and cultivates excellence while providing cultural and social enrichment for its members. 

UK Registered Charity number 1184295

  • Grey Instagram Icon
  • Grey Facebook Icon
  • Grey LinkedIn Icon
  • Twitter
  • YouTube